民歌-Qizil Gulum-Tursunjan-Gulgina(Tursunjan ömer / GulgineMollaemet remix)

作曲 : 无
قىزىل گۈلۈم قارچۇغىنىڭ بالىسى،
قانداق قىلاي ئەي كۆزۈمنىڭ قارىسى.
قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يېنىڭغا،
ساقىيار ئىدى يۈرۈگۈمنىڭ يارىسى.
ياخشى دەيدۇ يىڭى باغنىڭ چىلانى،
يامان دەيدۇ چۆل قۇملۇقنىڭ يىلانى.
بوز يىگىتىم پىنھان بىلەن يۈرەيلى،
يامان دەيدۇ دۈشمەنلەرنىڭ پىلانى.
مۇزىكا
ئۆيگە چىقىپ ئاي نىمىشقا پاتمايدۇ،
چولپان تۇغۇپ تاڭ نىمىشقا ئاتمايدۇ.
ئىككى تاغدا كاككۇك بىلەن زەينەپتەك،
بۇ ئالەمدە يۈرەكلىرىم قانمايدۇ.
قىزىل گۈلۈم ئۆچمەس ئوتتۇر نامىڭىز،
كىمگە يىتەر بىزنىڭ پەرياد نالىمىز.
سىز ئۇ ياقتا مەن بۇ ياقتا ئىنتىزار،
غېرىپ باشقا قاچان چۈشەر سايىڭىز.
مۇزىكا
ئارمان بىلەن ئۆتۈپ كەتتىم تارىم دەپ،
مۇڭلىنىمەن ناخشام بىلەن يارىم دەپ.
بۇلبۇل كۆڭلى قىزىل گۈلگە قانغانمۇ،
كىم ئېيتىدۇ يۈرەك بېغىر ئايرىم دەپ.
00:00
03:51